下载此文档

未成年人保护法.doc


文档分类:法律/法学 | 页数:约12页 举报非法文档有奖
1/12
下载提示
  • 1.该资料是网友上传的,本站提供全文预览,预览什么样,下载就什么样。
  • 2.下载该文档所得收入归上传者、原创者。
  • 3.下载的文档,不会出现我们的网址水印。
1/12 下载此文档
文档列表 文档介绍
‏جۇڭخۇا‏‏خەلق‏‏جۇمھۇرىيىتىنىڭ‏‏قۇرامىغا‏‏يەتمىگەنلەرنى‏‏قوغداش‏‏قانۇنى‏
‏2007-12-29 19:17:22  ‏يازغۇچى‏:‏hiyal‏  ‏مەنبە‏:‏توقسۇن‏‏مائارىپ‏‏تورى‏  ‏ئۇقۇلىشى‏:‏1223  ‏خەت‏‏چوڭلىقى‏:【‏چوڭ‏】【‏ئوتتۇرا‏】【‏كىچىك‏】
‏جۇڭخۇا‏‏خەلق‏‏جۇمھۇرىيىتىنىڭ‏‏قۇرامىغا‏‏يەتمىگەنلەرنى‏‏قوغداش‏‏قانۇنى‏
1991- ‏يىل‏ 9 - ‏ئاينىڭ‏ 4 - ‏كۈنى‏‏7 -‏‏نۆۋەتلىك‏‏مەملىكەتلىك‏‏خەلق‏‏قۇرۇلتىيى‏‏دائىمىي‏‏كومىتېتىنىڭ‏  21 - ‏يىغىنىدا‏‏ماقۇللاندى،‏ 1991 - ‏يىل‏ 9 - ‏ئاينىڭ‏ 4 - ‏كۈنى‏‏جۇڭخۇا‏‏خەلق‏‏جۇمھۇرىيىتى‏‏رەئىسىنىڭ‏ 50‏- ‏نومۇرلۇق‏‏پەرمانى‏‏بىلەن‏‏ئېلان‏‏قىلىندى‏)‏
1- ‏باب‏‏ئومۇمىي‏‏پرىنسىپ‏
‏1-‏ماددا‏‏بۇ‏‏قانۇن‏‏قۇرامىغا‏‏يەتمىگەنلەرنىڭ‏‏جىسمانىي‏‏ۋە‏‏روھىي‏‏سالامەتلىكىنى‏‏قوغداش،‏‏ئۇلارنىڭ‏‏قانۇنىي‏‏ھوقۇق‏- ‏مەنپەئىتىنى‏‏كاپالەتلەندۈرۈش،‏‏ئەخلاقىي،‏‏ئەقلىي،‏‏جىسمانىي‏‏جەھەتلەردىن‏‏ئومۇميۈزلۈك‏‏تەرەققىي‏‏قىلىشىنى‏‏ئىلگىرى‏‏سۈرۈش،‏‏ئۇلارنى‏‏سوتسىيالىزم‏‏ئىشلىرىنىڭ‏‏غايىلىك،‏‏ئەخلاقلىق،‏‏مەدەنىيەتلىك،‏‏ئىنتىزامچان‏‏ئىزباسارلىرىدىن‏‏قىلىپ‏‏يېتىشتۈرۈپ‏‏چىقىش‏‏مەقسىتىدە،‏‏ئاساسىي‏‏قانۇنغا‏‏ئاساسەن‏‏تۈزۈلدى‏.‏
2- ‏ماددا‏‏بۇ‏‏قانۇندا‏‏ئېيتىلغان‏‏قۇرامىغا‏‏يەتمىگەنلەر‏ 18 ‏ياشقا‏‏توشمىغان‏‏پۇقرالارغا‏‏قارىتىلغان‏.‏
3-‏ماددا‏‏دۆلەت،‏‏جەمئىيەت،‏‏مەكتەپ‏‏ۋە‏‏ئائىلىلەر‏‏قۇرامىغا‏‏يەتمىگەنلەرگە‏‏غايە‏‏تەربىيىسى،‏‏ئەخلاق‏‏تەربىيىسى،‏‏مەدەنىيەت‏‏تەربىيىسى،‏‏ئىنتىزام‏‏ۋە‏‏قانۇنچىلىق‏‏تەربىيىسى،‏‏ۋەتەنپەرۋەرلىك،‏‏كوللېكتىۋىزم،‏‏ئىنتېرناتسىئونالىزم،‏‏كوممۇنىزم‏‏تەربىيىسى‏‏ئېلىپ‏‏بارىدۇ؛‏‏ۋەتەننى،‏‏خەلقنى،‏‏ئەمگەكنى،‏‏ئىلىم‏- ‏پەننى،‏‏سوتسىيالىزمنى‏‏سۆيىدىغان‏‏ئىجتىمائىي‏‏ئەخلاقنى‏‏تەشەببۇس‏‏قىلىدۇ؛‏‏كاپىتالىزم،‏‏فېئودالىزم‏‏ۋە‏‏باشقا‏‏چىرىك‏‏ئىدىيىلەرنىڭ‏‏چىرىتىشىگە‏‏قارشى‏‏تۇرىدۇ‏.‏
4- ‏ماددا‏‏قۇرامىغا‏‏يەتمىگەنلەرنى‏‏قوغداش‏‏خىزمىتىدە‏‏تۆۋەندىكى‏‏پرىنسىپلارغا‏‏ئەمەل‏‏قىلىش
‏‏لازىم‏:‏
(1) ‏قۇرامىغا‏‏يەتمىگەنلەرنىڭ‏‏قانۇنىي‏‏ھوقۇق‏- ‏مەنپەئىتىنى‏‏كاپالەتلەندۈرۈش؛‏
(2) ‏قۇرامىغا‏‏يەتمىگەنلەرنىڭ‏‏كىشىلىك‏‏غۇرۇرىغا‏‏ھۆرمەت‏‏قىلىش؛‏
(3) ‏قۇرامىغا‏‏يەتمىگەنلەرنىڭ‏‏جىسمانىي‏‏ۋە‏‏روھىي‏‏جەھەتتىن‏‏ئۆسۈپ‏‏يېتىلىش‏‏ئالاھىدىلىكىگە‏‏ماسلىشىش؛‏
(4) ‏تەربىيىلەش‏‏بىلەن‏‏قوغداشنى‏‏بىرلەشتۈرۈش‏.‏
5 -‏ماددا‏‏دۆلەت‏‏قۇرام

未成年人保护法 来自淘豆网www.taodocs.com转载请标明出处.

相关文档 更多>>
非法内容举报中心
文档信息
  • 页数12
  • 收藏数0 收藏
  • 顶次数0
  • 上传人wyj15108451
  • 文件大小188 KB
  • 时间2018-07-15